باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى(4)

2014.05.13 16:53   مەنبە: خەلق تورى

ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى(4)


  خەلق تورىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 9-ماي كەچتە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى يىغىن زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، پايتەختتىكى ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، پايتەختتىكى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلار قاتناشتى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان «مەلىكە ئاماننىساخان» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدىن ئارىيە بىلەن باشلاندى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخانغا بېغىشلانغان شېئىر دېكلاماتسىيەسىدىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى، بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي مۇئەللىم ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم نۇتۇقىدا ئاماننىساخان تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم قىممىتى، مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ قىسقىچە ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

  ئارقىدىن بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ، يىغىن ئەھلىنى ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەتكە نىسبەتەن كۆپلىگەن بىلىملەرگە ئىگە قىلدى.

  مۇھاكىمە يىغىنى يەنە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتى مۇقام ئورۇنلاش كەسپىنىڭ لېكتورى ئەمەتجان مۇھەممەت مۇئەللىم ئورۇنلىغان ناۋا مۇقامىدىن ئارىيە ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان «خانلەيلۇن» ناملىق ناخشىلار بىلەن ئەۋجىگە چىقتى.

  ئاخىرىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئارىز مۇئەللىمنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسىدىن كېيىن، يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى چىڭىتتى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ئۆگىنىش قىزغى…
      ·2014-يىلى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن تۆت مىليارد 630مىليون يۈەن ئاجر…
      ·جىلىندا ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·بەش يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئوقۇغان 30 مىڭ ئادەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «يەنجىڭ مەكتىپى» بۇ يىل دۇنيادىكى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرسنى پۈت…
      ·بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچى يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ 
      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …