باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى(1)

2014.05.13 16:53   مەنبە: خەلق تورى

ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى(1)

  خەلق تورىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىي تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 9-ماي كەچتە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى يىغىن زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، پايتەختتىكى ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، پايتەختتىكى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلار قاتناشتى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان «مەلىكە ئاماننىساخان» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدىن ئارىيە بىلەن باشلاندى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخانغا بېغىشلانغان شېئىر دېكلاماتسىيەسىدىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى، بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي مۇئەللىم ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم نۇتۇقىدا ئاماننىساخان تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم قىممىتى، مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ قىسقىچە ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

  ئارقىدىن بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ، يىغىن ئەھلىنى ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەتكە نىسبەتەن كۆپلىگەن بىلىملەرگە ئىگە قىلدى.

  مۇھاكىمە يىغىنى يەنە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتى مۇقام ئورۇنلاش كەسپىنىڭ لېكتورى ئەمەتجان مۇھەممەت مۇئەللىم ئورۇنلىغان ناۋا مۇقامىدىن ئارىيە ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان «خانلەيلۇن» ناملىق ناخشىلار بىلەن ئەۋجىگە چىقتى.

  ئاخىرىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئارىز مۇئەللىمنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسىدىن كېيىن، يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ 
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
      ·يەسلى مائارىپىغا 5يىلدا 400مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرماقچى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ تۆت خىل ئەھۋالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بول…
      ·مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېر…
      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ