ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر كىلىدۇ، بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن بولغان ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2020 مېتىر بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 4ـ6 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا. ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت رايونىدىن يەتتىسى بار بوپلدى.