خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، كورلا شەھەر يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپ تۇنجى قېتىملىق نەق مەيداندا تاماق ئېتىش ئاشپەزلىك تېخنىكىسى بويىچە مۇكاپاتلىق مۇسابىقە پائالىيىتىى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەتتە پولو ئېتىش تېخنىكىسى، تۇخۇم سەي قورۇما قورۇش تېخنىكىسى، لەغمەن ئېتىش تېخنىكىسى، گۆش نان پىشۇرۇش تېخنىكىسى، چۆچۈرە ئېتىش تېخنىكىسى، مانتا تۈگۈش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك تاماق ئېتىش تېخنىكىسى بويىچە مۇسابىقىلەشتى، باھالىغۇچى ئۇستاملارنىڭ نەق مەيداندا تاماقنى تېتىپ، ئادىل باھالاپ چىقىشى نەتىجىسىدە لەغمەن ئېتىش گۇرۇپپىسى ئالاھىدە دەرىجىگە، بەتتە پولو گۇرۇپپىسى بىرىنچىلىككە، چۆچۈرە ئېتىش گۇرۇپپىسى ئىككىنچىلىككە، گۆش نان پۇشۇرۇش گۇرۇپپىسى ئۈچۈنچىلىككە، تۇخۇم سەي قورۇما قورۇش گۇرۇپپىسى، بىلەن مانتا تۈگۈش گۇرۇپپسى رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا مۇستەقىل ئەمگەك قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن سىرت، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئىبارەت.
سۈرەتتە: يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپنىڭ نەق مەيداندا تاماق ئېتىش ئاشپەزلىك تېخنىكىسى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
مەنبە: خەلق تورى