شۇ يەر ۋاقتى 4-ماي، ئافغانىستاننىڭ باداخشان ئۆلكىسىدىكى تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئاپەت رايونىدا ماددىي ئەشيالار بەكلا قىس بولۇپ، ئامما قۇتقۇزۇشنى ساقلاپ تۇرماقتا.
3-ماي، ئافغانىستاننىڭ 2-مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى خېلىلنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2-ماي ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى باداخشان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىدە ئاز دېگەندىمۇ 255 ئادەم قازا قىلغان. قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2700 گە يېتىدىكەن.