29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بىڭتۈەن 6-دىۋىزىيىسى ئىتتىپاق كومىتېتى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى شىنجاڭ يىنفېڭ يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، تىراكتور، يەر ھەيدەش ماشىنىسى، يەر تۈزلەش ماشىنىسى، سېيالكا ، دورىلاش ماشىنىسى، كېۋەز يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، بىڭتۈەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش جەھەتتىكى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، قوللىنىش ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.