باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە ھەرمىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى(2)

2014.05.04 10:24   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە ھەرمىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى(2)

  باھاردىكى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرى گۈزەل تۈسكە كىرگەن ئىدى. شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، 27-ئاپرېلدىن 30-ئاپرېلغىچە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، كارخانا، قىسىم، مەكتەپ، ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىلىرى، مەسچىت ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ھەم ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭدا ئىشلىگەن بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز