خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل ۋەنجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى: 27-چېسلا چۈشتىن كېيىن، چۇڭچىڭنىڭ ۋەنجوۋ شەھىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان زۇڭلى لى كېچياڭ گاڭكوۋ پورتىغا كەلدى ۋە ئامما بىلەن قىزغىن پىكىرلەشتى. ۋەنجوۋ پورتىدا لى كېچياڭ «ئەپكەشچىلەر»گە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: «سىلەر ئىنتايىن قالتىس! ھەربىر پۇڭ پۇلنىمۇ قان-تەرىڭلار بەدىلىگە تاپىسىلەر، سىلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەمگەكچانلىقىنىڭ سىمۋولى.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە چىدامچانلىقى ئەڭ مۇھىمى خەلقىنىڭ ئەمگەكچانلىقىدىن كەلگەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدىغان، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان «ئەپكەشچىلەر روھى» بولۇشى كېرەك. (بەي جېنجى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)