باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«كاشغەر مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2014.04.25 18:06   مەنبە: خەلق تورى

ئاۋۇت بارات فوتوسى
ئاۋۇت بارات فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇزۇندىن بۇيان تەشنا بولغان «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا ئاخىرى نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى، ژۇرنالنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 5-ئاپرېل قەشقەر شەھەرلىك يىغىن مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، تەشۋىقات ئىدارىسى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، «قەشقەر گېزىتى»، «قەشقەر» ژۇرنىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك رادىئۇ - تېلىۋىزىيە، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئىدارە- جەمىئيەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ۋىلايەتكە قاراشلىق ھەر قايسى ناھىيە، قەشقەر شەھىرى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن كەلگەن بىر قىسىم يازغۇچى، شائىرلار، تەتقىقاتچىلار، خەتتاتلار، ئەل ئىچى غەيرى ماددى مەنىۋى مەدەنىيەت ۋارىسلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىدىن بولۇپ 250دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ ژۇرنال بۇنىڭدىن كېيىن ھەر پەسىلدە بىردىن تارقىتىلىدۇ.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز