باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

فەرىدۇددىن ئەتتارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىزداشلىرى(1)

ئەزىزى

2014.04.25 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيادا ھېچقانداق تاشقى تەسىرگە ئۇچرىمىغان،يەككە-يىگانە،پەقەت ئۆزىگىلا خاس،يېپىق ھالدىكى ئەدەبىياتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.ھەر قانداق بىر مىللى ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئەڭ تار دائىرىدە بولغان تەقدىردىمۇ ھامان مەلۇم بىر تاشقى ئەدەبىياتنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىشتىن مۇستەسنا بۇلالمايدۇ.بۇنداق قۇبۇل قىلىشنىڭ دەرىجىسى ماكان ۋە زامان بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل ئامىللارنى چىقىش قىلغان ھالدا بەزىدە كۈچلۈك،رۇشەن ھالەتتە كۆزگە تاشلانسا،بەزىدە ئاجىز،سۇسراق ھالەتتە كۆزگە تاشلىنىدۇ.ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەنە شۇنداق تاشقى تەسىرلەرنى قۇبۇل قىلىش،ئۇنىڭدىن ئىجادىي پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئامىللاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئەدەبىياتلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق ئۆتۈشمە مۇناسىۋەتنىڭ تەرجىمە قىلىش،نەزىرە يېزىش،شەكلى ۋە ئۇسلوبىغا ۋارىسلىق قىلىش،مەزمۇنى ۋە غايىۋىي يۈنۈلىشىنى ئىجادىي تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

  مەلۇمكى،خەلقىمىز ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز رۇشەن ھالدا ئەرەپ، پارىس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى. بۇ خىل تەسىرنىڭ نەتىجىسىنى مۇنداق ئىككى نوختىغا يىغىنچاقلاپ چۈشۈنۈش مۇمكىن.بىرىنچى،ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئاساسىي ئۈزەك ھېساپلىنىدىغان ئىدىيە، غايە جەھەتتىكى ئۆز-ئارا مايىللىقنىڭ گەۋدىلىنىشى. ئىككىنچى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ جۇلاسى ھېساپلىنىدىغان شەكىل،ئۇسلوپ،ھەتتا تېما جەھەتتىكى ئورتاقلىقنىڭ شەكىللىنىشى.شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكى،ئەرەپ،پارىس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەرگىزمۇ تەسادىپى مەيدانغا كەلگەن ئەمەس.بۇنىڭدا ئىدىيە جەھەتتىكى چوڭ ئومۇمىيلىقتىن باشقا،ئەرەپ،پارىس ئەدەبىياتىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان يۈكسەك غايىلەرنى چىقىش قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئاساسىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.چۈنكى بىر مىللەت ياكى رايۇن ئەدەبىياتىنىڭ باشقا مىللەت ياكى رايۇن ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن،ئۇ ئەدەبىياتنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە ۋەكىللىق قىلالايدىغان سالاھىيەتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.بۇنداق سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان ئەدەبىياتنىڭ باشقا بىر ئەدەبىياتقا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.شۇنداقلا بىر مىللەت ياكى رايۇن ئەدەبىياتىنىڭ باشقا مىللەت ياكى رايۇن ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىشى ئۈچۈنمۇ ئۆزى قۇبۇل قىلماقچى بولغان تەسىرگە بويلىشالايدىغان ئاساس ۋە ئۇنى ئىجادىي تەرەققى قىلدۇرالايدىغان بەلگۈلۈك ساپانى يىتىلدۈرگەن بولۇشى كېرەك.بۇ ئەدەبىياتتا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ھېساپلىنىدۇ.دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ئەدەبىي تەسىرنىڭ كۆپ ھاللاردا تەرەققى تاپقان ئەدەبىياتلار ئوتتۇرىسىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەنلىكىنى بايقايمىز. شۇڭا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەرەپ،پارىس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى،بىر تەرەپلىمە ھالدا باشقا ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى ئاستىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەمەس،بەلكى دۇنياۋىي ئەدەبىيات ئېقىمىغا ياندىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت يۈكسەك نوختىدىن شەرھىلەشكە توغرا كېلىدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىق دۇنياۋىي ئەدەبىيات نامايەندىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى تاسادىپىلىقتىن بولماستىن بەلكى يۇقارقى قاراشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.ئۇيغۇر ۋە پارىس ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخى يىراق قەدىمكى زامانلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ.جۇغراپىيەلىك ماكاننىڭ تۇتىشىپ كېتىشى،ھەر خىل ئەقىدە بەلۋاغلىرىدىكى ئۈزەكداشلىق،تارىخىي قىسمەتلەردىكى ئورتاقلىق ئۇيغۇرلار بىلەن پارىسلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ رىشتىنى ئۆزلىكسىز جىپسىلاشتۇرۇپ كەلگەن. ئەپسانە-رىۋايەتلەردىكى يىلتىزداشلىق، داستان-قىسسىلەردىكى ئوخشاشلىق ئۇيغۇر ۋە پارىس ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەلىرىنى ھاسىل قىلغان. جەمشىت، رۇستەم، زال، سىياۋۇش، ئەپراسىياپ قاتارلىق نۇرغۇن ئۇنتۇلماس ئوبرازلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنىڭ ھەقىقى مەنبەسى ۋە ئېنىق تەۋەلىكىنى بىكىتىشنىڭ قىيىنلىقى بۇ نوختىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بۇ خىل ئالاھىدە مۇناسىۋەت يازما ئەدەبىيات شەكىللەنگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى پىردەۋسى،ئۆمەر ھەييام، فەرىدۇددىن ئەتتار،شەيىخ سەئىدى،ھاپىز شىرازى قاتارلىق پارىس كىلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋىي مېراسلىرىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى سۈپۈتىدە قەدىرلەشتەك ئېسىل تارىخى ئەنئەنىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

  12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى،13-ئەسىرنىڭ باشلىرى ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان مەشھۇر پارىس شائىرى فەرىدۇددىن ئەتتار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىنى قازانغان مۇتىپەككۇرلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى،خەلقىمىزنىڭ ئەتتار ئەسەرلىرى بىلەن بولغان دەسلەپكى ئۇچرىشىشى بىۋاستە پارىس تىلى ئارقىلىق بولغان. چۈنكى تارىخى پاكىتلاردىن ئايان بولىشىچە، ئەتتار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلاردىكى ئۇيغۇر ئەدىپلىرى، زىيالىلار ۋە كۆپ ساندىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار پارىس تىلىدىن بىمالال پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىپلىرى بىۋاستە پارىس تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتتار ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋاختىنىڭ ئەتتار ياشىغان دەۋىردىن بەك يىراقلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتتار ئەسەرلىرى بىلەن ئۆز تىلىدا ئۇچراشقان ۋاختى ھەققىدە ئېنىق بىر نىمە دىيىش قىيىن.چۈنكى ھازىرغىچە ئەتتار ئەسەرلىرىنىڭ قاچان،قەيەردە،كىم تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئېنىقلانمىغان.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر