باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش(1)

ئەزىزى

2014.04.25 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن

  -« ئوغۇزنامە»دىن

  « ئوغۇزنامە»ئېپوسى-تارىخمىزدىكى غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئابىدىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە ئېتنىگوراپىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا موھىم مەنبە ھېساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن مەشھۇر تۈركىلوگلار، مەسىلەن: گوللاندىيىلىك خوس، گېرمانىيىلىك دېتىس، رۇسىيەلىك رادلوف، فىرانسىيىلىك پىللىئوت، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىلىق شىرباك، تۈركىيىلىك رەشىد رەھمەت ئارات قاتارلىقلار بۇ ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

  ھازىرغىچە بىزدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا ئەسەرنىڭ مەنبىيى ھەققىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ۋە فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى «مىللىي كۈتۈپخانا»دا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىدىن باشقا، رەشىدىددىن (1318-1247)نىڭ «جامىئۇت تەۋارىخ» (ئومۇمىي تارىخ)، مىرزا ھەيدەر كوراگانى (1551-1500)نىڭ «تارىخى رەشىدى»، ئوبۇلغازى باھادىرخان(1664-1603)نىڭ «شەجەرىئىي تۈرك» (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى)دېگەن ئەسەرلىرىدە ئوغۇرخانغا ئائىت تەپسىلاتلارنىڭ بارلىقى قەيىت قىلىنغان. گەرچە يۇقارقى مەنبەلەر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مەنبەلەردىكى ئوغۇزخانغا ئائىت مەلۇماتلار كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرىشىش پۇرسىتىگە تېخى نائىل بولالمىدى.مەن يېقىندا مەشھۇر تارىخچى شەرەپىددىن ئەلى يەزدى(1454-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ زەپەرنامە ناملىق ئەسىرى ۋ مىرزا ئۇلۇغبىك(1449-1394)نىڭ «تارىخى ئەربەئى ئۇلۇس» (تۆت ئۇلۇس تارىخى)ناملىق ئەسىرىنى كۆرۈپ، بۇ ئىككى ئەسەردىمۇ ئوغۇزخانغا ئائىت مەلۇماتلارنىڭ خېلى تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەر ئىككىلا ئەسەردە ئوغۇزخانغا ئائىت مەلۇماتلار يەر-جاي نامىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئىككى ئاپتور ئاساسلانغان تارىخى مەنبەنىڭ ئوخشاشلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. شۇمۇ دىققەتكە سازاۋەركى، بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتىمۇ ئاساسەن ئوخشاش. بۇ بىر تاسادىپىي توغرا كېلىپ قىلىش بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم ساھەسىدە ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە ھېساپلىنىدۇ.

  شەرەپىددىن ئەلى يەزدى ئۆز دەۋرىنىڭ يىتۈك ئالىملىرىدىن بولۇپ، تارىخ، پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە ئاستىرنومىيەگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى-«زەپەرنامە» شاھرۇھ(1447-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ ئوغلى ئىبراھىم سۇلتان(1435-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان. ئىبراھىم سۇلتان «زەپەرنامە»نى يېزىشتا شەرەپىددىن ئەلى يەزدىنى مەخسۇس تارىخى ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، ئەسەرنى يېزىش ۋە بېكىتىش ئىشلىرىغا ئۆزى بىۋاستە نازارەتچىلىك قىلغان.

  «زەپەرنامە»دە ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا ئائىت مەلۇماتلار خېلى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، « ئوغۇزنامە»ئېپوسىغا سېلىشتۇرغاندا بەزى روشەن پەرقلەرگە ئىگە. ھەتتا بەزى ئادەم ۋە يەر-جاي ناملىرى خېلى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئاساسلار بىلەن يورۇتۇلغان. شۇڭا «زەپەرنامە»دە تىلغا ئېلىنغان ئوغۇزخانغا ئائىت مەلۇماتلارنى « ئوغۇزنامە»ئېپوسىنىڭ تارىخى مەنبەسى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.« ئوغۇزنامە» ئپوسى ۋە باشقا تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغان ئوغۇزخاننىڭ كىملىكى ھەققىدىكى كۆز قاراش تېخى تولۇق بىرلىككە كەلگىنى يوق. بىرقىسىم تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھېچقانداق بىر تارىخى شەخىس بىلەن باغلىنىشلىقى بولمىغان ئەپسانىۋىي ئوبراز دەپ قارىسا، يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت، ۋە باشقا تارىخي شەخىسلەرگە باغلاپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوغۇزخاننى باتۇر تەڭرىقۇتقا تەققاسلاپ قارايدىغانلار بىرقەدەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

  «زەپەرنامە» ۋە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىكى ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئائىت مەلۇماتلارنى گەرچە ئېنىق تارىخىي ئاساسقا ئىگە دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمىسىمۇ، بەزى تارىخىي ھادىسىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوغۇزخان ھەققىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە ئېنىقلىق كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  1. «زەپەرنامە»دە ئوغۇزخاننىڭ ئاخىرقى بالىسى تەڭرىخاننىڭ ئوغلى ئېلخاننىڭ تۇر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ يېڭىلگەنلىكى بايان قىلىنىپ، «بۇ ۋەقە ئوغۇزخان ۋاپاتىدىن مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن سادىر بولغانىدى»دىيىلىدۇ. بۇ مەلۇمات ئۇلۇغبېكنىڭ «تۆت ئۇلۇس تارىخى»دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئوخشاش ھالدا ئۇچرايدۇ. ئۆزبېك ئالىمى ئامانۇللا بۆرىيىۋ رەشىدۇددىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋىردىن ئىككى مىڭ يىل ئاۋۋال بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلىپ: «دېمەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن بىرمىڭ 500 يىل ئاۋۋال ياشىغان»[1]دەپ قارايدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر