باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قاغىلىق ناھىيەسىدە ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى (5)

2014.04.24 15:17   مەنبە: خەلق تورى

قاغىلىق ناھىيەسىدە ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى (5)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ 2014-يىللىق «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى لوڭقىسى» VBAيېزا-كەنت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى جەنۇبىي شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى يېقىندا قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تۆگىچى يېزىسىدا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. بايىنغولىن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە قاغىلىق ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنىڭ ياشلار كوماندىلىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغىچە قاتناشتى، ئۈچ كۈنلۈك مۇسابىقە جەريانىدا ياشلار دوستلۇق، ئىتتىپاقلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ مۇسابىقىلەشتى، بۇ ناھىيەدىكى 5000دىن ئارتۇق ئامما مۇسابىقىنى كۆردى. مۇسابىقىدە قاغىلىق كوماندىسى1-، قەشقەر ۋىلايىتى كوماندىسى 2-، بايىنغولىن كوماندىسى 3-، خوتەن كوماندىسى 4-، ئاقسۇ كوماندىسى 5-، قىزىلسۇ كوماندىسى 6-لىككە ئېرىشتى.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز