باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىئېر، شائىر ۋە ئاخىرلاشمىغان سىر(1)

ئەزىزى

2014.04.24 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «قىشتىكى خامان»ناملىق شىئېرلار توپلىمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئويلار

  ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنلا تونۇشقان ئىدىم. بۇ قېتىم «قىشتىكى خامان»ئارقىلىق ئۇنىڭ شىئېرلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم تەپسىلى سىردىشىپ چىقتىم. ھېس قىلىشىمچە ئۆزۈڭ بىلەن سىرداش، پىكىرداش دوستۇڭنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئالىدىغان ھۇزۇرنىڭ ھالاۋىتىمۇ باشقىچە بولىدىكەن. چۈنكى سەن ئۇنىڭ كىشىلىك ئاساسى، ھەۋىسى،ئىزدىنىشى، بولۇپمۇ ئەدەبىياتقا بولغان پوزىتسىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نىسبەتەن كۆپرەك ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، بىر قىسىم شىئېرلارنىڭ ساڭا بىرىدىغان تەسىرى باشقىلارغا نىسبەتەن چوڭقۇرراق، روشەنرەك بولىدىكەن.

  دەرۋەقە شائىر بۇ «خامان»غا ئۆزىنىڭ شىئېرىيەتتىن ئالغان ھۇسۇلىنى ئاساسەن جەملىگەندەك يەنى ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان «شاراپ تومۇرى»، «كۆيگەن دېڭىز» ناملىق توپلاملىرىدىكى ھاسىلاتلىرىنىمۇ چەشلىگەندەك قىلىدۇ.مېنىڭچە ياخشى شىئېرلارنى قايتا-قايتا ئوقۇش «بىزارلىق»تىن ئەمەس،بەلكى خۇددى ئارخىئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىغا ئوخشاش يېڭىدىن يېڭى تېپىلمىلارنى بايقاشتىن دىرەك بىرىدۇ.زامان - زامانلاردىن بىرى قايتا- قايتا ئوقۇلۇپ كەلگەن، بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ ھەۋەس بىلەن ئوقۇۋاتقان شىئېرلارنى كېيىنكىلەر ئوقۇمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ چىن ھىسسىيات بىلەن سەمىمىي قەلبتىن ئاپىرىدە بولغان شىئېر قايتا - قايتا ئوقۇغانغا كونىرىمايدۇ، ئەكسىچە كىشىگە ئىلگىرى ھېس قىلمىغان تۇيغۇ، ئويلاپ يەتمىگەن مەنا كەڭلىكلىرىنى بەخىش ئېتىدۇ.شائىرنىڭ «قىشتىكى خامان»دىگەندە قانداق سىمۋوللۇق مەنالارنى كۆزدە تۇتقانلىقى ماڭا نەمەلۇم.ئەمما بۇ سۆزدىن مېنىڭ كۆڭلۈمگە كەچكەن دەسلەپكى ئوي،ئەجىبا شائىر شىئېردىن ئالغان بارلىق ھۇسۇلىنى مۇشۇ «خامان»غا يىغىپ بولدى قىلماقچىمۇ، ئەمدى شىئېردىن ۋاز كېچىپ، دىققەت - ئېتىبارىنى باشقا تۈرلەرگە قاراتماقچىمۇ؟ دىگەندىن ئىبارەت بولدى.لېكىن شۇ زامان كاللامدىن يەنە بەلكىم شائىر باشقا پەسىللەردىن ئالىدىغان «خامان»لارنىمۇ ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن دىگەن خىيال كەچتى.

  1

  بۇ قېتىم «قىشتىكى خامان»ئارقىلىق ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شىئېرلىرىنى بىر پۈتۈن ھالەتتە كۆرۈپ ھېس قىلغانلىرىم باشقىچىرەك بولدى.ئەلۋەتتە ھەر بىر شىئېر شائىرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەمما شائىرنىڭ ھەر بىر شىئېرنى يەككە ھالدا كۈزەتكەندە، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىنى،تەپەككۇر جىلۋىسىنى، ئىستىتىك پەللىسىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتكىلى بولمايدىكەن. بىر شائىرنىڭ شىئېرلىرىنى بىر پۈتۈن ھالدا كۈزەتكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى بۇرۇلۇشلارنى، ،بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ تاۋلىنىش جەريانىنى،شىئېرىي مەنالار ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقلىي چۆكمىلەرنىڭ سالمىقىنى ۋە شىئېرىي تىل،ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى خاسلىقىنى توغرا ياكى ئىمكان قەدەر توغرا مۆلچەرلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. شۇنداقتىمۇ جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى،شىئېرغا نىسبەتەن،شائىر بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدىكى مۆلچەر ھامان قىسمەنلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بۇلالمايدۇ. شائىر نەزەردە تۇتقان ئىشارەت ۋە بىشارەتنى شائىرنىڭ شۇ شىئېرنى يازغان چاغدىكى روھىي قىسمەتلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا، نۇقۇل يېزىقنىڭ ياردىمىدە ئىككىنچى بىر شەخىس(يەنى ئوقۇرمەن)تەرىپىدىن توغرا ئاڭقىرىلىشى ھامان مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ھېساپلىنىدۇ.يېزىق بىلەن ئىپادىلەنگەن،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە ئوقۇپ مەنىسىنى چۈشەنگىلى بولىدىغان تەركىپلەر شىئېرنىڭ تاشقى قاتلىمىنى تەشكىل قىلىدۇ.ئۇنىڭدا يەنە يېزىق بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان،ئەمما تۇيغۇلارنىڭ ياردىمىدە تۇيغۇلى، ھېس قىلغىلى،شۇ ئارقىلىق بەلگۈلۈك تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولغىلى بولىدىغان ئامىللارمۇ بولىدۇ.مانا بۇ شىئېرنى نازۇك سەنئەت يۈكسەكلىكىگە ئىگە قىلىدىغان سۆزنىڭ ئىچىدىكى سۆز، تۇيغۇنىڭ ئىچىدىكى تۇيغۇ،پەردىنىڭ ئىچىدىكى پەردە،سىرنىڭ ئىچىدىكى سىر.شۇ سەۋەپتىن شىئېرنىڭ سېرى ھامان ئېچىلماي قالىدۇ،ئۇ يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى تەبىئىي ھالدا ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

  ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەدەبىياتىمىزغا 80 – يىللاردا كىرىپ كەلگەن بىر توپ ياشلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىجادىيەتنى دەسلەپتە شىئېرىيەتتىن باشلىغان، كېيىنچە كۆپرەك پەلسەپىۋىي، ئىجتىمائىي تېمىلاردىكى ماقالىلارنى يازدى. يازغانلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى تاپتى،ئالقىشىنى قازاندى. شۇنداقتىمۇ قەلبىگە ئەڭ دەسلەپ تۇتاشقان ئوت ـ شىئېردىن يىراقلاپ كەتمىدى. گەرچە يازغان شىئېرلىرى بۇرۇنقىدەك كۆپ بۇلمىسىمۇ،شىئېرىي تەسەۋۋۇرغا باي تۇيغۇلىرىنىڭ ئۇنى گاھ گاھ ئۆرتەپ تۇرغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس ئىدى.

  كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، گەرچە ئابدۇقادىر جالالىددىن شىئېر يېزىشتىن توختاپ قالمىغان بولسىمۇ، لىرىك تۇيغۇلارغا يىلتىزلانغان شىئېرىي كەيپىياتتىن بارا - بارا يىراقلىشىپ، ھاياتىمىزنىڭ چىگىشلىشىپ كەتكەن قاتلاملىرىغا، مەنىۋىيىتىمىزنىڭ تۇزاڭ قونۇپ كەتكەن قۇرغاق بۇلۇڭلىرىغا ئاچچىق نەزەر تاشلاپ، پىغانلىق تەپەككۇر قاينىمىغا بىرىلىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. چۈنكى جەمىيەتتە ئۇنىڭ شىئېرلىرىغا قارىغاندا ئۆتكۈر پىكىرلىك ماقالىلىرى، كەسكىن نوتۇقلىرى ھەققىدىكى تەرىپلەر كۆپرەك تىلغا ئېلىنىپ تۇراتتى.ئەمما «قىشتىكى خامان»دىن ئۇنىڭ يەنىلا شىئېرغا ھەمنەپەس بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى، پەلسەپىۋىي تەپەككۇر بىلەن ئىستىتىك تەسەۋۋۇرنى ئۆز - ئارا يۇغۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر