باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كورلا يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ئۈزگەن بالىلار باغچىسىدا بالىلارنىڭ «ئانا تىل» دا ھېكايە ئېيتىش مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى(10)

2014.04.22 19:24   مەنبە: خەلق تورى

كورلا يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ئۈزگەن بالىلار باغچىسىدا بالىلارنىڭ «ئانا تىل» دا ھېكايە ئېيتىش مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى(10)


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كورلا يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ئۈزگەن بالىلار باغچىسى بالىلىرىنىڭ «ئانا تىل» دا ھېكايە ئېيتىش مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ئوماق دوستلار ئۆزلىرىنىڭ چۈچۈمەل تاتلىق تىللىرى ئارقىلىق «مەن ئانا تىلىمنى قەدىرلەيمەن»، «ئانا تىلىم ــ زەر تىلىم» دېگەن تېمىلاردا ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ، تۆۋەندە ئولتۇرغان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەم ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىن كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەييارلاپ كەلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت، لەپەر، ئىتوت ۋە قىزىقارلىق يۇمۇرلىرى بىلەن پائالىيەت كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئاخىرىدا، باھالىغۇچىلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا باھالاپ چىقىشى نەتىجىسىدە، 56 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىپ ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاندى. يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ مۇدىرى يولداش ئەنۋەرجان ياسىن ۋە ئۈزگەن بالىلار باغچىسىنىڭ مەسئۇلى روشەنگۈل سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى پەرزەنتلەر ئەتىنىڭ كېلەچىكى، پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق تەربىيەلەپ چىقىش ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، شۇڭا بىز پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەش، پەرزەنتلەرگە كىچىكىدىن تارتىپ ئانا تىلنى پىششىق ئىگىلىتىش بىلەن بىرگە، خەنزۇ تىلىنىمۇ راۋان سۆزلىيەلەيدىغان قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك. (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى)

  سۈرەتتە: ئۈزگەن بالىلار باغچىسى بالىلىرىنىڭ «ئانا تىل» دا ھېكايە ئېيتىش مۇسابىقە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 【26】 【27】 【28】 【29】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز