خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى: كورلا شەھىرى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى، ماتېماتىكا، ۋە ئانا تىلدا 2-قېتىملىق «مەرىپەت لوڭقىسىنى تالىشىش» تېمىسىدىكى «قوش تىل» دا مۇكاپاتلىق ئوچۇق دەرس ئۆتۈش پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە كورلا شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ ۋە 6-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلدى، 31 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى)
سۈرەتتە: 2-قېتىملىق «مەرىپەت لوڭقىسىنى تالىشىش» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى