باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تۇتقا قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرەيلى(2)

2014.04.21 15:59   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ: ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تۇتقا قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرەيلى(2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئېنېرگىيە تەرەققىياتى داۋامىدىكى ئالاقىدار ئىستىراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ۋە چوڭ-چوڭ تۈرلەر تەتقىق قىلىندى ۋە مۇھاكىمە قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ھازىرقى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، ئېنېرگىيە تەمىناتى مۇناسىۋىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئېنېرگىيە ھېلىھەم خەلقئارا سىياسىي، پۇل مۇئامىلە، بىخەتەرلىكنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولۇپ تۇرماقتا. ئېنېرگىيە تەمىناتى ۋە بىخەتەرلىكى دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى باش تېما قىلىپ، ھازىرنى مەۋقە، كەلگۈسىنى نىشان قىلىپ پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئېنېرگىيە سەۋىيەسى تۆۋەن، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى نامۇۋاپىق بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئاجىزلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمالىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئەقلىي تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۇمان-تۈتەك قاتارلىق بۇلغىنىشلارغا جەڭ ئېچىپ، ئېكولوگىيە-مۇھىت مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىدىغان ئېنېرگىيە تېجەش-بۇلغىما ئازايتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، سىجىل بولغان ئېنېرگىيە تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تىرەك بولۇشىمىز كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز