شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى: ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ناھىيە ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، «جۇڭگونىڭ غەربىي يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت»، «بۇلاق شەھىرى» ــ ئۇچتۇرپاننىڭ گۈزەل رۇخسارىنى خەلقى ئالەمگە بىلدۈرۈشنى مەقسەد قىلغان «ئۇچتۇرپان باھارى ـــ بۇلاق شەھىرىدە چېچەك سەيلىسى» ئاساسىي تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت تارتىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 12 – ئاپرېل ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسى باشاقما كەنتىدىكى كۆلەملەشكەن ئۈرۈكزارلىقتا باشلاندى. ۋىلايەت ئىچى سىرتىدىكى 50 دىن ئارتۇق فوتوگراف شۇ كۈنكى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى)
سۈرەتتە: چېچەك سەيلىسى
مەنبە: خەلق تورى