باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كوللېكتىپ توي، تۇتاشقان قەلىبلەر(7)

2014.04.14 23:50   مەنبە: خەلق تورى

كوللېكتىپ توي، تۇتاشقان قەلىبلەر(7)


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇچتۇرپان خەۋىرى/ ئۆز مۇخبىرلىرىمىز دىلشاد تۇرسۇن، دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 12– ئاپرېل ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ياكۆۋرۈك يېزىسى يۇقارقى قاراغوجا كەنتىدە 12 جۈپ ياشنىڭ ئۆزگىچە بىر كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ناخشا – مۇزىكا ئىچىدە بۇ 12 جۈپ بەختلىك ياش ئۇسسۇلغا چۈشۈپ 300 گە يېقىن توي قاتناشقۇچىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ توي مەرىكىسىنى قۇتلۇقلىدى.

  ـــ بۈگۈن بىز بەكمۇ خۇشال،- دېدى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىنىۋاتقان سەمىجان سەمەت بىلەن ئارزىگۈل ئالىم بىزگە،- يېزىنىڭ بىزگە مۇشۇنداق تېجەشلىك كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىگە شۇنداق رازى بولدۇق، ھۆكۈمەت يەنە بىزگە گىلەم، كىرئالغۇ، يوتقان كىرلىكى ۋە ئۇچىمىزدىكى بۇ كىيىملەرنى سوۋغا قىلدى.

  21 ياشلىق سەمىجان سەمەت بۇ كەنتتىكى ئۆي بىزەش ئۇستىسى بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ئىش قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ مەھبۇبى، ئاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن 18 ياشلىق ئارزۇگۈل بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، مۇھەببەتلىشىش ئارقىلىق ئاخىر تۇرمۇش يولىنى بىرگە بېسىشنى تاللايدۇ. شۇ كۈنى كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسى قاتنىشىپ، بۇ ئىككى ياشقا بەخت تىلەشكەن.

  ـــ بىز ئەمدى توي قىلدۇق، تۇرمۇش يولىنى بىرگە باسىدىغان بولدۇق، بۇندىن كېيىن تېجەشلىك ياشاپ، بىر – بىرىمىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئىناق، قانۇنغا بويسۇنىدىغان ياخشى ئائىلە بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز،- دېدى سەمىجان سەمەت بىلەن ئارزىگۈل ئالىم بىزگە كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كوللېكتىپ توي مۇراسىمىدا يەنە دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، جەمئىيەت ئائىلە قارشى، پەرزەنت تەربىيىلەش ھەققىدە تۈرلۈك زېھنى سىناش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر مۇكاپاتلىنىپ ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئاشۇرۇلدى، يەنە 2 – پەرزەنت كۆرۈپ تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئاياللار نەق مەيداندا 4000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  ـــ بىز ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ توي – تۆكۈنلەردە ناخشا – مۇزىكىسىز توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، لېكىن يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان توي – تۆكۈندە نەغمە - ناۋا قىلسا ھارام بولىدۇ، گۇناھ بولىدۇ دەيدىغان پەتىۋالار چىقىپ، خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا دەخلە يەتكۈزدى. ھەشەمەتلىك تويلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسراپخورلۇق قىلىندى. بىز بۇخىل جەمئىيەتتىكى خاتا قاراش ۋە ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئاددىي – ساددىي، تېجەشلىك بولۇشنى تەرغىپ قىلىپ بۇ خىل كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. ھازىرغىچە 16 قېتىملىق كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىنىپ،

  ياشنىڭ تويى قىلىندى،- دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇدىرى رەيھانگۈل ھېيت.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز