باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: شەرقىي قىسىمدىكى «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت»تە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى (2)

2014.04.14 17:36   مەنبە: خەلق تورى

ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: شەرقىي قىسىمدىكى «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت»تە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى (2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 13-ئاپرېل، ئۇكرائىنا دونېچىك ئىشتاتىنىڭ سىلاۋىيانىسكى شەھىرىدە، بىر قوراللىق خادىم ئېتىشىشتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ماشىنىنى ھەيدىمەكتە.

  شۇ كۈنى ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئارسېن ئاۋاكوف ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى فەيىسبۇكتا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: دونېچىك ئىشتاتىنىڭ سىلاۋىيانىسكى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت»تىكى قارشىلاشقان ئىككىلا تەرەپتە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-چېسلا سىلاۋىيانىسكى شەھىرىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان، يەرلىك دائىرىلەر دەرھال سىلاۋىيانىسكى شەھىرىگە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتكەن. 13-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ئالاھىدە قىسىم مەزكۇر شەھەرنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى كونترول قىلغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز