باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى(3)

2014.04.14 17:24   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ: تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى(3)


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 10-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو باۋمىڭ، ئۆلكە باشلىقى جياڭ دىڭجى قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا خەينەندە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  تەكشۈرۈش جەريانىدا لى كېچياڭ كۆپ قېتىم تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى خەلقئارا مۇھىت بىر قەدەر مۇرەككەپ، قېيىنچىلىقلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مۇقىم ئېشىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. جايلار ۋە تارماقلار تىرىشچانلىق بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، خەلقئارا بازارنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، كۆپ تەرەپ كۈچ چىقىرىپ تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئېشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. (چېن ئېرخوۋ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز