خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپرېل ئايلىرى كىرگەندىن بۇيان، «تەڭرىتاغدىكى ئۆرۈك چېچىكى كەنتى» دېيىلىدىغان شىنجاڭ قۇمۇل شەھىرى تەڭرىتاغ يېزىسى شىچېڭزى كەنتىدە نەچچە ئون مىڭ تۈپ ئۆرۈك بەس ـ بەستە چېچەكلەپ، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدىكى تاغ جىلغىلىرىنى خۇشبۇي چېچەك ھىدى قاپلاپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.
قۇمۇل شەھىرى تەڭرىتاغ يېزىسى شىچېڭزى كەنتىدىكى دېھقانلار ئەزەلدىنلا ئۆرۈك تىكىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئۆيىنىڭ ئالدى ۋە كەينىلىرى، تاغ باغرى شۇنداقلا جىلغىلارغا ھەر خىل ئۆرۈك كۆچەتلىرىنى تىككەن. ئۆرۈك يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىدىكى ئىقتىسادىي دەرەخ بولۇپ قالغان.