ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى، فوتوسى: ياپيېشىل ئوتلاق، سۈپسۈزۈك سۇ، سۈزۈك ئاسمان كۆككە تاقاشقان تاغ ئارىسىدىكى ئۆرۈكلۈك باغلاردىن چېچەك ھىدى ئەتراپقا تارالغان قاغىلىق ناھىيەسىدىكى زوڭلاڭ يېزىسى 8-ئاپرېل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان زوڭلاڭ شىپالىق بۇلاق سەيلىگاھىدا 2-نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، قانۇن تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلدى. قوچقار-خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق مول-مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، بەش جۈپ ياشنىڭ كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.