7-ئاپرېل دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ جىڭگاڭشەن ناملىق ھەربىي پاراخوتى ئىزدەشكە ھۇجۇمچى پاراخوت ئەۋەتتى. ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇقتۇرۇشى ۋە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 7-چېسلا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جىڭگاڭشەن، كۇئىنلۇن، «دېڭىز چارلاش-01»، «شەرقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش-101» ناملىق پاراخوتلىرى جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا مالايشىيانىڭ ئالاقىسىز قالغان ئايروپىلانىنى داۋاملىق ئىزدىدى. يېڭى ۋەزىپە رايونى ئاۋسترالىيەنىڭ 600 دېڭىز مىلى غەربىگە توغرا كېلىدۇ. جىڭگاڭشەن، كۇئىنلۇن ناملىق ھەربىي پاراخوتلار دېڭىزدا كېچە-كۈندۈز كۆزىتىش بىلەن بىرگە، مۇناسىۋەتلىك ئەسۋابلار سەپلەنگەن 4 ھۇجۇمچى كېمىنى ئاجرىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئىزدەش، كاتەكچە-نۇقتا بەلگىلەپ تەكشۈرۈش، دائىرىنى تەدرىجىي كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىزدەشنى داۋاملاشتۇردى ھەمدە جەنۇبىي كەڭلىك 25 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 101 گىرادۇس ئەتراپىدىكى گۇمانلىق نىشان ئورنىنى تەكشۈردى، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئايروپىلاننى بايقىمىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەي رۈيشۆ فوتوسى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى