باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گېرمانىيە تاراتقۇلىرى رۇسىيە ش ئا ئە ت نى غەپلەتتىن ئويغاتتى دېدى(3)

2014.04.04 16:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، ناھايىتى كۆپ قىسىم ئاممىنىڭ تەھدىت تۇيغۇسنىى كۈنسايىن ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقان، ئىتتىپاقتىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كونا ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇقلۇقى كۈنسايىن تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدا، 28 ئەزا دۆلەت ۋە شىۋېتسىيەدىن بەھرەين، ئۇنىڭدىن يېڭى زېللاندىيەگىچە بولغان 41 شېرىك دۆلەتتىن تەركىب تاپقان مۇداپىئە ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدە زادى ئەھمىيىتى بارمۇ-يوق؟ ياكى زۆرۈر تېپىلغاندا، رايون ۋە دۆلەت مەنپەئەتىدىن تەشكىللەنگەن ۋاقىتلىق ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈش تېخىمۇ ياخشى بولامدۇ-قانداق؟

  بۇ مۇۋاپىق مەسىلە. بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 65 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا مۇھىم. ئىتتىپاقنىڭ بۈگۈنكى قىياپىتى ئەلۋەتتە 30 يىل بۇرۇنقى بىلەن ئوخشىمايدۇ، كەلگۈسىدىكى ئىتتىپاق مۇقەررەر ھالدا يۇمشاق ئەمەلىي كۈچكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، خۇددى ھازىرقى لىۋىيە ياكى ئافرىقا ئىتتىپاقىنى قوللىغاندا قىلغان ئىشلارغا ئوخشاش. لېكىن، مۇتتەھەم ۋە ئەسەبىي ئىستىبداتلارغا ئۇزۇن مۇددەت ئىشەنچلىك ھەيۋىنى ساقلاش بۇندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا يەنىلا مەركىزىي ۋەزىپە بولىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئورتاق قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسىگە يەنە بىر قېتىم كىرگۈزۈشى زۆرۈر. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، پۇتىن كۆپچىلىككە بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ قويدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر