باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گېرمانىيە تاراتقۇلىرى رۇسىيە ش ئا ئە ت نى غەپلەتتىن ئويغاتتى دېدى(2)

2014.04.04 16:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا نىسبەتەن، بۇ ناھايىتى تىپىك ئىش، يەنى پۇتىننىڭ بۇ يۈرەك كۈچەيتىش دورىسىمۇ پىكىر بىرلىككە كەلمىگەن غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى پەيدا قىلدى، مەيلى بۇ ئەزا دۆلەتلەرنى قوغداشقا چېتىشلىق بولسۇن، ئەمەلىيەتتە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق. لېكىن بۇرۇنقى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاللىبۇرۇنلا بىر نىسبىي يەككە گۇرۇھ بولماي قالدى، ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت ۋە تەھدىتكە بولغان قارىشى بەزىدە بەكلا پەرقلىق بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكىلىقلار بۇ ئىتتىپاقنى ئاسىيا رايونىدا قۇدرەتلىك شېرىك دۆلىتىگە ئىگە بولۇشتىكى يەر شارى ئويۇنچۇقى قىلىشنى تېخىمۇ ئويلايدۇ. كۆپ ساندىكى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاساسلىقى ياۋروپا-ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان بىر ئىتتىپاقتۇر.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تەخمىنەن %73 مۇداپىئە چىقىمىنى ئامېرىكا ئۈستىگە ئالغان، لېكىن گېرمانىيە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاق خامچوتىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، چىقىمنى بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيتتى. شەرقىي ياۋروپانىڭ يېڭى ئىستراتېگىيە خىرىسى ئاخىرىدا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئۆزگىرىش بەك چوڭ بولمايدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئىقتىدار يوچۇقىنى تۈگىتىش ھەم بىرلەشمە تۈرلەرنىڭ رامكىسىدا ھەربىي جابدۇقلىرىنى ياخشىلاشقا تېرىشىپ كەلدى. لېكىن ھازىرغىچە بۇنىڭدا زور نەتىجە كۆرۈلمىدى. ئەگەر ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتسە، پەقەت ئامېرىكىلىقلارنىڭلا زۆرۈر جابدۇق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بار.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر