باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپى تۇنجى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى(3)

2014.04.04 16:11   مەنبە: خەلق تورى

يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپى تۇنجى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى(3)


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى ۋە فوتوسى: كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە بايىنغولىن ئوبلاستلىق، كورلا شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋە كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇلار بىردەك سۆز قىلىپ: يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن دەرسىدە ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە جانلىق ئىشلىتىش بىلەن بىرگە پەن-تېخنىكا بىلىملىرىگە بولغان قىزىقىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. پائالىيەت داۋامىدا يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ ھەرقايسى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدىكى 82 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلىرى قول سېلىپ ياساپ چىققان تۈرلۈك ماشىنا، ئايروپىلان، پاراخوت، راكېتا ،بىناكارلىق مودېللىرى كۆرگەزمە قىلىندى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ياسىغان ئايروپىلانلارنى ھاۋا بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش، پاراخوت، كېمىلىرىنى سۇدا ماڭدۇرۇش،راكېتا قويۇپ بېرىش، ماشىنا مۇسابىقىسى، سۇ كۆلچىكىدە پاراخوت ئارقىلىق توپ سولاش قاتارلىق مول ۋە قىزىقارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلاردا بىرىنچىدىن پەن-تېخنىكىغا بولغان قىزىقىش تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى، ئىككىنچىدىن باشقىلارنىڭ ياسىغان تۈرلۈك مودېللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇسى ۋە ئىجادچانلىقى، شۇنداقلا تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى ياخشى جارىي قىلدۇرالىغان ئوقۇغۇچىلار ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئىلھاملىنىپ، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، باشقىلارغا تېخىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرەلەيدىغان يېڭىچە نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  سۈرەتتە: يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا بايرىمى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز