باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

« كارىز » ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى (3)

2014.03.31 16:23   مەنبە: خەلق تورى

« كارىز » ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى (3)

  پائالىيەتتە شىنجاڭ كۆكلەم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ، ‹‹ كارىز ›› فىلىمىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ، رېژىسسور ھامۇت ئەھمەد تەھۇر ‹‹ كارىز ›› فىلىمىنى ئىشلەش جەريانىنى تونۇشتۇردى ، ھەمدە ئۆزلىرىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن قوللىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى ، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، قومۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى ئۈچۈن قان–تەر سىڭدۈرگەن ئەكبەر غۇلام ، خەمىت خەكىموف ، ئىمىن ئەخمىدى ، لېتىپ توختى ، دولقۇن قادىر ، ئابدۇشۈكۈر كېرەم كۆك ، دولقۇن ئابدۇللا ، ئىلھام ئابدۇكېرىم ، ئەنەيتۇللا قۇربان قاتارلىق مۇتەخەسسىس-ئالىملارغا ، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى .

  ‹‹كارىز›› ناملىق 6 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت ئەپەندىنىڭ باشلامچىلىقىدا پىلانلانغان بولۇپ ، 2009-يىلى 1-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە سۈرەتكە ئېلىش ، كىرىشتۈرۈش ، ئاۋازغا ئېلىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك خىزمەت باسقۇچلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قايتىدىن بېكىتىپ ئۆتكۈزۈشىگە سۇنۇلۇپ ، 5 يىلدىن ئارتۇق جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە بۇ يىل روياپقا چىققان .

  كارىز ـــ تىك قۇدۇق ، تەشمە ، ئوچۇق ئېرىق ۋە كارىز كۆلى قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە يەر شەكلىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش ئارقىلىق يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىدىغان قەدىمكى سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ ، تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئەقىل–پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ ، يەر ئاستىدا بەش مىڭ كىلومېتىر تەشمە قېزىپ دۇنيا سۇ ئىشلىرى تارىخىدىكى بۇ مۆجىزىنى كەشىپ قىلغان .

  كارىز ھېچقانداق ئېنېرگىيە تەلەپ قىلماسلىق ، تۆت پەسىل توختىماي سۇ ئېقىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيا سۇ ئىشلىرى تارىخىدىكى مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ . بىراق بۇ ئۇلۇغ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن . پارتىيە ، ھۆكۈمەت بۇ ئەھۋالنى ۋاقتىدا بايقاپ ، كارىزلارنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان . ئارقىدىن بۇ تەدبىرلەرنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-سانلىق يىغىنى ( 2006-يىلى 29-سېنتەبىر) ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارىزلارنى قوغداش نىزامى ›› نى ماقۇللاپ ، شۇ يىلى 1-دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويغان . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى تۆمۈر داۋامەتنىڭ تەكلىپى بىلەن ، 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغان . دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى كارىزنى ‹‹ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ›› غا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە قوللىغان .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز