شىنخۇا ئاگېنتلىقى «يېڭى خەلقئارا» مىكرو بىلوگىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ بىرىنچى خانىمى پېڭ لىيۈەن 29-مارت گېرمانىيە ئېسسېن شەھىرىدىكى بولې ئالىي ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا «جۇڭگو ئارزۇسى»نى چۈشەندۈردى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوغا بېرىپ جۇڭيىچە داۋالاشنى ئۈگىنىشكە، جۇڭگوغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
مەلۇم ئوقۇغۇچى پېڭ لىيۈەندىن «جۇڭگو ئارزۇسى دېگەن نېمە ؟» دەپ سورىغاندا، پېڭ لىيۈەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ: «مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق بالىلارنىڭ بولۇپمۇ، قىزلارنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىش شارائىتىغا ئىگە بولۇشىدۇر، خۇددى سىلەرگە ئوخشاش» دەپ جاۋاب بەردى.