خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوبامانىڭ خانىمى مىچىل ئوباما 30-مارت بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ جۇڭگودىكى 7 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.
يېقىندا شىئەندىكى 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان كىچىك رەسسام جيا نەن سىزغان مىچىلنىڭ كارتون شەكىللىك باش سۈرىتى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سۈرەتتە يەڭسىز قارا كىيىم كىيىپ، مەرۋايىت بۇلاپكا تاقىغان مىچىل ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى ئالدىدا كۈلۈمسىرىگەچ قول ئىشارىسى قىلىۋاتاتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى