خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا خيۇستۇندىكى بىر چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇۋاتقان ياتاق بىناسىغا ئوت كېتىپ، بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى 4-قەۋەتنىڭ بالكونىدا قاپسىلىپ قالغان. پۈتۈن بىنا كۆيۈپ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دېگەندە، بۇ ئىشچى 4-قەۋەتنىڭ بالكونىدىن 3-قەۋەتنىڭ بالكونىغا سەكرەپ چۈشكەن. ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى شوتا بىلەن بۇ ئىشچىنى 3-قەۋەتتىن قۇتقۇزۇپ چۈشكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى