خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلىدىكى تۇنجى باھار يامغۇرىنىڭ يېغىشى بىلەن ئۈرۈمچى ئاھالسى ساپ ھاۋادىن نەپەسلەندى. 26-مارت، مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كېلىپ، قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋات ئىكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىنىڭ ھېچقانداق بىر كوچىسىدا ئادەمنىڭ بۇنچىلىك كۆپ ئەمەسلىكىنى كۆردى. بۇ يەردە سېرىق چاچ، كۆك كۆزلۈك چەتئەللىكلەر، ھەر خىل جايلارنىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلىشىۋاتقان ساياھەتچىلەر، ئۇزۇن تون ــ پەرىجە كىيگەن پاكىستانلىقلارمۇ بار ئىدى. ئەلۋەتتە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى يەنىلا چاچلىرى ئۇزۇن ۋە بۈدرە كەلگەن، چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرى ئىدى.