خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دولقۇن تۇنگەنجان شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسى ئارائۆستەك يېزىسى خەلىفە مەھەللە يېزىسىدىكى ئىرادىلىك ياش، ئۇ ئىككى يىل ئىچىدە ۋېلىسپىت بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىقىشنى پىلانلىغان.«يولدا موتىسىكىلىتنى ئاستىراق مىنگىن، قانداق ئاۋارىچىلىققا يولۇقساڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا ماڭا تېلېفون قىل. «چاڭشادىن جۇجوۋغا ماڭىدىغان جۇيى يول ئېغىزىدا، چاڭشا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش تارماق ئەترىتى جەرىمانە تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ چياڭ بىر تەرەپتىن شىنجاڭلىق يىگىت دولقۇننىڭ موتىسىكىلىتىنىڭ يامغۇرلۇقىنى رەتلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلىدى.
24-مارت، جۇڭگونى كېزىپ چىقىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇرۇت ـ ساقاللىق كەلگەن شىنجاڭلىق ياش دۇلقۇن تۇنىگەنجان، چاڭشادا ئىككى كۈن تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كېينكى نىشانى جۇجوۋغا قاراپ يولغا چىقتى. تىل قىيىنچىلىقى ، ئىقتىساد قاتارلىق قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك، دولقۇن تۇنگەنجان چاڭشادا نۇرغۇن ئىدارىلەرنىڭ ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى، ئۇ ھاياجانلىنىپ: «ئىللىقلىق مېنى داۋاملىق ئالغا ئاتلاندۇردى»دېدى.
دولقۇن تۇنىگەنخان غۇلجا ناھىيەسى ئارائۆستەك يېزىسى خەلىفەمەھەللە كەنتىدىكى ياش. 2000 يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، ئۇ ئىلگىرى ـ كېيىن پىيادە مېڭىش، ۋېلىسپىتلىك يۈرۈش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ دەريالىرىنى كېزىپ، 25 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرگەن. 11 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، دولقۇن تۇنىگەنجان ئۆزى يۇرتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدى. 2013-يىلى 24-ماي، ئۇ يەنە ئىككى يىل سەرپ قىلىپ ۋېلىسپىت بىلەن پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى 30 ئۆلكىنىڭ 400دىن ئارتۇق ناھىيەسى (مۆلچەرلەنگەن مۇساپە 60 مىڭ كىلومېتىر)نى ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى تەشۋىق قىلىش نىيىتىگە كەلگەن.