خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:25-مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسى ساۋاپچى چارۋىچىلىق يېزىسىدا بىر چارۋىچىنىڭ قوتىنىدا تۆت مۈڭگۈزلۈك قوي بايقالغان. بۇ قوينىڭ ئادەتتىكى قويلاردىكىدەك توم ئىككى مۈڭگۈزى بولغاندىن تاشقىرى، قۇلىقىنىڭ دەل ئۈستىدىمۇ كىچىكرەك ئىككى مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىققان، بۇ مۈڭگۈزلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىرچە، ئالدىدىن قارىغاندا تۆت دانە قايچىنى قوينىڭ بېشىغا قويۇپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، تۆت مۈڭگۈزلۈك قوي ئادەتتە كەم ئۇچرايدىكەن، ئادەتتە بۇ خىل قويلار شالغۇتلاشتۇرۇلغان قوچقارلاردا كۆپرەك ئۇچرايدىكەن، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ئاز ئۇچرىسىمۇ لېكىن بەك ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس بولۇپ، بۇ ئېرشىيەت جەريانىدىكى گېنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان.
مەنبە: خەلق تورى