مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىف تۈنۈگۈن كەچتە كۇئالالۇمپۇردا ئەنگىلىيەنىڭ ھاۋا ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمرا تەشكىلاتى يىغقان سۈنئىي ھەمرا سانلىق مەلۇماتىنى يەنىمۇ ھېسابلاپ، ئىلگىرى بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈشتە ئەزەلدىن قوللىنىپ باقمىغان بىر خىل تەھلىل قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، بىزMH 370 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش يولىنى يەنىمۇ ئېنىقلىدۇق، مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH 370- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىغا چۈشۈپ كەتكەن دەپ جاكارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مالايسىيا 25-مارت قايتىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلايدۇ.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار خادىملار داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، قالغان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.