گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندىرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-مارت ئامىستېردامغا يېتىپ كېلىپ، گوللاندىيەدە ئېلىپ بارىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلاپ، «ياۋروپا سەپىرى»نىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى. گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندىر ئايرودۇرۇمدا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى.