باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يېتىملارنىڭ نورۇز بايرىمى مەنىلىك ئۆتتى(4)

2014.03.24 17:02   مەنبە: خەلق تورى

يېتىملارنىڭ نورۇز بايرىمى مەنىلىك ئۆتتى(4)


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا ئەنئەنىۋىي مىللى بايرام بولغان نورۇز بايرىمى تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە.

  3-ئاينىڭ 23- كۈنى كەچتە يەكەن مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى قاينام-تاشقىنلىق نورۇز كەيپىياتىغا چۆمگەن بولۇپ بۇ كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ئەلئىچى سەنئەت ئۆمىكى ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان 30 نەچچە مۇقام سەنئەتكارى يەكەن ناھىيەلىك يېتىم بالىلار مەكتىۋىدىكى بالىلارغا نورۇزلۇق مۇقام سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  كېچىلىككە يەكەن ناھىيەسىدىكى دۆلەتلىك مۇقام سەنئەتكارلىرىدىن يۈسۈپ توختى، ئابلەت سەلەي قاتارلىق سەنئەتكارلار ۋە يەكەن دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىن كەلگەن خەلق ئەلنەغمىچىلىرى ئون ئىككى مۇقام، دولان مەشرىپى، سېرىك، سېھرىگەرلىك، دارۋازلىق ئويۇنلىرىنى كۆرسەتتى. مۇھەممەد مۇسا (مەرگەن)، ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ قاتارلىق شائىرلار نورۇز بايرىمىلىق يازغان شىئىر-نەسىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلدى. كېچىلىك ئاخىرىدا يېتىملار مەكتىپىدىن كەلگەن يېتىم بالىلار ۋە باشقا تاماشابىن بىرلىكتە دولان ئۇسسۇلىغا چۈشۈپ، نورۇز بايرىمىنى يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتەردى.

  كېچىلىككە يېتىملار مەكتىۋىدىكى يۈز نەپەردىن ئارتۇق يېتىم بالا ۋە بىر قىسىم پېشقەدەم كادىرلاردىن بولۇپ 200 نەپەرگە يېقىن كىشى قاتناشتى.

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ فوتوسى، مۇخبىر يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
    ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
    ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
    ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
    ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
    ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
    ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
    ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
    ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…