باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قومۇل شەھىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نورۇزلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى(4)

2014.03.24 15:55   مەنبە: خەلق تورى

قومۇل شەھىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نورۇزلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى(4)

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىز ئۆمەر ھاجى، قېيۇم قادىر خەۋىرى: بۇ يىللىق نورۇز بايرىمى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن مول مەزمۇنلۇق بولدى، مۇشۇ ئاينىڭ 19 – كۈنى ۋە 20 – كۈنلىرى قومۇل شەھىرىنىڭ قارادۆۋە بازىرىدا، شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ جىگدە قۇدۇق كەنتى، پائۋانتۇر بازىرىنىڭ غولئېرىق كەنتى، غەربىي ئۆستەڭ ئىش باشقارمىسى ئارا ئاقيەر كەنتى ۋە راھەتباغ يېزىسىنىڭ بۇرو، دۆشتۇر، قاراتال قاتارلىق كەنتلىرىدە قىزىقارلىق نورۇز پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. «شىنجاڭ گېزىتى»، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى، قومۇل خەلق رادىيو ئىستانىسىسى ۋە « قومۇل گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇلغان بۇ پائالىيەتلەنى ۋاقتىدا، جانلىق خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى پائالىيەت مەيدانلىرىدا زىيارەتتە بولدى. بۇ يىللىق نورۇز پائالىيەتلىرىدە ھەرقايسى كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ ناھايىتى ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  بۇ يىلقى نورۇز پائالىيەتلىرىدە مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەندىن باشقا، يەنە ئارغامچا تارتىشىش، چېلىش، ئېشەك بەيگىسى، قۇم دۆۋىسىگە يامىشىپ چىقىش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق قىزىقارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىتىلدى. پائالىيەتتە نورۇز ئېشى ـئۈندۈرمە)، يارما، پولۇ قاتارلىق ئەنەئەنىۋى تاماقلار ئېتىلدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
      ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
      ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
      ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…