ئىختىيارى مۇخبىر ئادىل نادىر فوتوسى، خەۋىرى: زىمىستان قىش ئاخىرلىشىپ، پارلاق باھار باشلانغان، كونا يىلنىڭ ئورنىنى يېڭى يىل ئېلىپ، پۈتكۈل مەۋجۇدات باھار خۇشاللىقىغا چۆمگەن خاسىيەتلىك كۈنلەردە قاشتېشى يۇرتى خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيەسى قاراساي يېزىسىدا نورۇز بەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىسى بىرلىكتە ناخشا-ئۇسسۇل ئويناپ، نورۇز ئېشى ئىچىپ، ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا بىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.