خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننىڭ تەكلىپى بىلەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئايالى مېچىل 20-مارتتىن 26-مارتقىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو سەپىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، مېچىل يىقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى يۈيىڭ مەكتىپىدە خەنزۇتىلى ئۆگىنىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى ھەم ئۇلاردىن جۇڭگونى چۈشەندى، خەنزۇتىلى ئۆگەندى.