خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 19 – مارت كەچ ئۈرۈمچى «قىزىلتاغ» تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول CBA مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا شىنجاڭ «ئۇچار يولۋاس» ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەزىمەتلىرى شۇنچە قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، ئەپسۇس 95:75 نەتىجىدە رەقىبى بېيجىڭ «جىنيۈ» كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئۆز مەيدانىدا ئۇدا 20 مەيدان ئۇتۇش تارىخىغا خاتىمە بەردى.
19– مارت ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەمدىلا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن ئېلىشتى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىنجاڭ كوماندىسى خېلى ياخشى نەتىجە بىلەن شىنجاڭلىق ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنى خۇشال قىلغان بولسا، مۇسابىقە باشلىنىپ 40 مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىدىن 30 نومۇر ئارقىدا قالدى. شىرئەلى پۈتكۈل مەيدان جەريانىدا پۈتۈنلەي بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى مابۇرىدىن مۇداپىئە ھالىتىدە تۇردى، مىنۇت، سېكۇنتنىڭ تېز ئۆتىشى، بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نومۇر پەرقىنىڭ تېز سۈرئەتتە زورىيىشى نەق مەيدان كۆرەرمەنلىرىنى تېخىمۇ تەقەززا قىلدى. شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرىدىن خاردېسن 18 نومۇر، سىنگېردىن 18 نومۇر، سۇ فېي 9، تاڭ جېڭدۇڭ 6 نومۇر ئالغان بولسىمۇ لېكىن ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن ئاخىرغىچە كۈچ ئېلىشالمىدى.
بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىدا شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى، كېيىنكى قارشى مەيداندا بېيجىڭ كوماندىسىنى ئۇتۇپ ئەنتىنى ئالغاندەك قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ۋاقىتتا بېيجىڭ كوماندسىنىڭ داڭلىق ماھىرى مابۇرى دەم ئېلىۋاتاتتى، پۇرسەت شىنجاڭ كوماندىسىغا پايدىلىق بولغانىدى، لېكىن بۇ قېتىم مابۇرى مەيدانغا چۈشۈپ، بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى بولۇپ بەردى. شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شىرئەلىنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق بىر توپى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشقىنى بىلەن ئەمەلىي كۈچى، تېخنىكىسى يۇقىرى بولغان بېيجىڭ كوماندىسى ئۆزىنى تېز سۈرئەتتە ئوڭشىۋېلىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقىنى تېز سۈرئەتتە ئازايتتى.
ـــ شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ماھىرلىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى،- دېدى داڭلىق ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى باھالىغۇچىسى خاۋ خوڭشەن مۇسابىقىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا،- ماھىرلار مۇسابىقىدە ئۇتۇشقىلا ئالدىراپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھارىتىنى جارى قىلدۇرالمىدى، پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى كونترول قىلىش شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرلىرى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. بىز 21 – مارتتىكى ئىككى كوماندا ئارىسىدىكى 2 – مەيدان چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا شىنجاڭ كوماندىسىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز.
دېمىسىمۇ، مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرلىرىدىن شىرئەلى 11 قېتىم گارغا توپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئارانلا ئىككى قېتىم چۈشتى، تاڭ جېڭدۇڭ 10 قېتىم گارغا توپ تاشلىغاندا ئۈچى ئاران چۈشتى، ياڭ جىڭمىننىڭ ئىككى قېتىملىق توپى گارغا چۈشمىدى، خاردېسن شۇنچە كۈچىسىمۇ لېكىن ئارانلا 21 نومۇر ئالالىدى، ھەتتا نۇرغۇن قېتىم مەيداندا يىقىلىپ چۈشتى.
مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭلىق ۋاسكېتبول مەستانىلىرى مەيداندا «شىنجاڭ كوماندىسى غەيرەت قىل!» دەپ توۋلاپ، ئۇتتۇرۇپ قويغان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئىلھام بەردى. مەخسۇس ئوغلىنىڭ كارامىتىنى كۆرگىلى كەلگەن شىرئەلىنىڭ دادىسى، ئاپىسى ئورنىدىن تۇرۇپ شىنجاڭ كوماندىسىغا توختىماي ئالقىش ياڭراتتى. شىرئەلىنىڭ دادىسى مۇختار ئاكا مۇنداق دېدى:
ـــ شىنجاڭ كوماندىسى غەيرەت قىل، شىرئەلى غەيرەت قىل، چېمپىيونلۇق يولى سېنىڭ ئالدىڭدا.....
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى