خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ، «يىپەك يولى ئىقتىسادىي تۈگۈنى قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىملىق ئىككى يىغىندا، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ـ ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۈۋىھەجەر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي تۈگۈنىدىكى ئاساسىي كۈچ ۋە باشلامچىلىق رولىنى ياخشى ئورۇنلاپ، يىپەك يولى بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، ئىمكانقەدەر يېپەك يولى ئىقتىسادىي تۈگۈنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق ئاپپاراتىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.