3-ئاينىڭ 16-كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى«تىللا مەرىكە زالى» قەلبىدە چەكسىز مېھرى- مۇھەببەت، چىن گۈزەللىك بالقىپ تۇرغان، چىرايىدا نورۇز بايرىمى شادلىقى جىلۋىلەنگەن كىشىلەر بىلەن ئىنتايىن قاينام تاشقىنلىققا چۈمدى. بۇ كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى مېھرىبان ئانىلار، ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋەكىللىرىدىن 200 دىن ئارتۇق كىشى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بەدىئىيلىكى يوقۇرى، مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى ئېلىپ باردى. پائالىيەت داۋامىدا، تۆۋەندە ئولتۇرغانلاردىن نورۇز بايرىمىغا ئائىت سوئال شەكلى بايرام كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچسى يەنىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈلدى. پائالىيەتكە ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قاتناشتى.