خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»مەدەنىيەت ئارقلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تۇرۇشلۇق كەنت ـــ ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىسى ھېقىل كەنتىدە باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە بۇ ئويۇن ئاۋات ناھىيەسىدە 40 مەيدان قويۇلىدىكەن. (ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋىرى، ھەسەنجان مەمتىل فوتوسى)
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى