شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق سارىيى ئالدىدا
12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2–يىغىنى تۈرلۈك يىغىن كۈنتەرتىپلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ، 13–مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى .
سەككىز يېرىم كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە ، شىنجاڭدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق چوڭ تېمىلارنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، جەمئىيەت ، مائارىپ ، دېھقانچىلىق–يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار ، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم ئىسلاھاتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 پارچە تەكلىپ ۋە 280 پارچە تەۋسىيە يوللىدى .
ۋەكىللەر بەس–بەستە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، يىغىن روھىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ ، گۈللەنگەن ، باي ، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .