خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئوھو، بۇ ئۇزۇنتۇرا نىمانچە قاۋۇل، بۇ قوچقار نىمانچە سوقۇشقاق.». 9-مارت، ئاساسىي قاتلامدا ئۆزگىچە مەدەنىي كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دېھقانلار ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پىچان ناھىيەسى ھەر قايسى يېزىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، تام قوپۇرۇش، كەشتە تىكىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «بىر يېزىدا بىر مەھسۇلات، بىر كەنتتە بىر ئالاھىدىلىك»، «بىر ئايلىق ئاساسىي تېما» مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.