خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-مارت كۈنى باي ناھىيە قاراباغ يېزىسىدا بۇ يېزىنىڭ توپىلىق كەنتىدىكى قىرغىزلار نورۇز كېلىشتىن بۇرۇنلا بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. قاراباغ يېزا ۋە ناھىيەلىك نەسىللىك قوي فېرمىسىدىكى بىر قىسىم قىرغىز ئامما بۇ نورۇزغا ئىشتىراك قىلىش بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار، باي ناھىيەسىگە قوشنا بولغان ئونسۇ ناھىيەسى، ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، شۇنداقلا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن بىر قىسىم قىرغىز ئامما، ۋە سەنئەتكارلارمۇ بۇ قېتىمقى نورۇزغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسى ساغلام، مەزمۇنى مول، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت، كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنى قىزغىن قۇتلۇقلىدى، كەنتنىڭ ھەممە يېرى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا تولدى.
پائالىيەتتە، باي، ئونسۇ، ئۇچتۇرپان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن دېھقانلار ۋە سەنئەتكەرلار ئۆزلىرى تەييارلىغان پارتىيىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، قولغا كەلگەن غايەت زور نەتىجىلەر ۋە بۈگۈنكى بەختىيار ھاياتنى مەدھىيىلەش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان مەزمۇنى ساغلام، بەدىئىيلىكى يۇقىرى ناخشا، ئۇسسۇل، ماناس ئېيتىش، كۈلدۈرگە، قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. (باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرلىرى قەھرىمان روزى، ئەكبەرجان ئەمەتلەر خەۋىرى)