خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 9-مارت ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا، شەھەر ئاھالىسى قىزىل رەڭ چېچىش بايرىمىنى تەبرىكلىدى. قىزىل رەڭ چېچىش بايرىمى يەنە «خۇلى بايرىمى»، «رەڭ بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي يېڭى يىلى (يېڭى ھىندىستان كالىندارىدا يېڭى يىل ئەتىياز بۆلۈش كۈنى). ھىندىستان، نىپال، سۇرىنام، گۋئانا، ترىنىداد، ئەنگىلىيە، ماۋرىتىئۇس ۋە فىجى قاتارلىق جايلاردا مۇھىم بايرام ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ نوپۇزلۇق كۆز قاراش بولسا: قىزىل رەڭ چېچىش بايرىمى ھىندىستاننىڭ داڭلىق تارىخىي داستانى «موخېپولودو»دىن كەلگەن. بايرامنى تەبرىكلەش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ھەرخىل بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە كىشىلەر ئۆز ئارا قىزىل پاراشوك چېچىشىپ، سۇ توپى تاشلىشىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى