خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىم راخمان خەۋىرى: 4-مارت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئويۇشتۇرغان 6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى ئاچقان مەكتەپلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈش-تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەشكىللىگەن، مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلار ئەگىشىپ خەۋەر قىلىدىغان چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات-تەكشۈرۈش پائالىيىتى، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان 85 نەپەر ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلغان مەكتەپلەر تەۋسىيە قىلغان، ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مائارىپ ئىدارىلىرى ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەستىقلاپ بېكىتكەن، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يىراق چېگرا رايوندىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە ئاساسىي قاتلاملاردىن كەلگەن. ۋەكىللەر ئۆمىكى 9 كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئىچكىرىدىكى 14 ئۆلكە-بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىكى شىنجاڭ سىنىپى ئاچقان 95 مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرۈش-تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ پائالىيەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قاتناشقان ئائىلە باشلىقلىرى ئەڭ كۆپ، تەكشۈرۈپ تەشۋىق قىلىدىغان شەھەر ۋە مەكتەپلەر ئەڭ كەڭ بولغان ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ پائالىيەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ۋاكالىتەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، گوۋۇيۈەنگە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى ئاچقان ئۆلكە-شەھەر، مەكتەپلەرنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئىقتىساس ئېگىلىرىنى تەربىيەلەپ بەرگەنلىكىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، تەشۋىق-چۈشەندۈرۈش شەكلى بىلەن، شىنجاڭ سىنىپى ئاچقان مەكتەپكە ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋىي خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ؛ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلار ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى سىياسىتىنى چۈشەندۈرىدۇ.
سۈرەتتە: 7-مارت تەكشۈرۈش ئۆمىكى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى دوڭگۇەن ئالىي ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، تەكشۈرۈش-تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى.