خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-مارت، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەيدانغا كىردى. شۇ كۈنى، 11-نۆۋەتلىك قىشلىق مېيىپلەر ئو ت م سىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى سوچى فىشىت تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. 45 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 550 نەپەر تەنھەرىكەتچى بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئو ت م ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، قىش پەسىللىك ئىككى تۈر، دالىدا قار تىيىلىش، چاقلىق ئورۇندۇقلۇق مۇز چەينەك ۋە چانا دوگۇر توپى قاتارلىق 5 چوڭ تۈر، 72 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. شىنخۇا ئاگنېتلىقى مۇخبىرى دەي تيەنفاڭ فوتوسى