باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى (1)

2014.03.06 11:20   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى (1)

  12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2–يىغىنى 5–مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى . 3000 غا يېقىن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن تاپشۇرغان مۇقەددەس بۇرچنى ئادا قىلىدۇ .

  خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

  شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، يۈ جىڭشېڭ ، ليۇ يۈنشەن ، ۋاڭ جىشەن ، جاڭ گاۋلى ۋە ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىرى رەئىسلەر سۇپىسىدىن ئورۇن ئالدى .

  12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2–يىغىنىغا ئەسلىدە قاتناشماقچى بولغان ۋەكىل 2983 كىشى . بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقىنى 2932 كىشى بولۇپ ، 51 كىشى قاتناشمىغان ، قاتناشقان كىشى سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن .

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا جاڭ دېجياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2–يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى . ھەممە ئورنىدىن تۇرۇپ ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى .

  ئارقىدىنلا كۆپچىلىك 1–مارت يۈننەن كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى .

  يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى . دوكلات ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن : بىرىنچى ، 2013–يىللىق خىزمەتلەر ئەسلىمىسى ؛ ئىككىنچى ، 2014–يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ؛ ئۈچىنچى ، 2014–يىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر .

  يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە ، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2013–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەمدە 2014–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ، گوۋۇيۈەننىڭ 2013–يىللىق مەركەز ۋە يەلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەمدە 2014–يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدا دوكلاتنى بېسىپ تارقىتىپ ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا سۇندى .

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇغۇچى مەنبەسى كىرىزىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىنتىزامىغا خىلاپ كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ سەمىمىيەت ئارخىپى…
      ·بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنى قوراللىق چارلايدۇ، تاساددىپىي ھادىسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرى يېڭىلانمايدۇ
      ·يۈ جېڭشېڭ: كەسپىي مائارىپ مەسىلىسى مائارىپ مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ۋە ئى…
      ·بۇ يىل 28 ئۆلكىدە ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش يولغا قويۇلدى
      ·2014-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە 9 مىليون 390 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…